ھەلەب پۈتۈنلەي ئەسەدنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى

بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ باشقۇرىشى ئاستىدىكى شىئە مىلىتانلار كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىشكەن رايونلاردا پۇقرالارنى قەتلىئام قىلىشنى باشلىدى.

629329
ھەلەب پۈتۈنلەي ئەسەدنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى پۈتۈنلەي ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتتى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى 6 رايوندىنمۇ چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستۇرانىڭ باش مەسلىھەتچىسى جان ئېگېلاند، ھەلەبتە غالىب كەلگەن قىسىملار ئۆتكۈزگەن بارلىق جىنايەتلەرگە سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ جاۋابكارلىقىنى جاكارلىدى.

مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيىمۇ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىرۇللۇقىدىكى رايونلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 47 كىچىك بىلەن قوشۇلۇپ 415 تىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە يۈزلىگەن كىشىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىلىرىدا يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ باشقۇرىشى ئاستىدىكى شىئە مىلىتانلار كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىشكەن رايونلاردا پۇقرالارنى قەتلىئام قىلىشنى باشلىدى.

قەتلىئام يۈز بەرگەن جايلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، شىئە مىلىتانلار ھەلەبنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىشكەن فىردەۋس ۋە كەللەسە رايونلىرىدا نۇرغۇن ساندا پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.

نەخ مەيداننى كۆرگەن بىر شاھىت، شىئە مىلىتانلانىڭ 4 ئايال بىلەن 9 كىچىك بالىنى تېرىك كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى، 67 ئەرنى بولسا، تىزىپ ئوققا تۇتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېپان دۇجاررىج ئېلان قىلغن يازما باياناتىدا، باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ ھەلەبتە كىچىك بالا ۋە ئاياللار بىلەن قوشۇلۇپ نۇرغۇن ساندا پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈپ تاشلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر سەۋەبىدىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

باياناتتا، بان كىمۇننىڭ ھەلەبتىكى پۇقرالارغا دائىر ئەندىشىلىرىنى ھەر قايسى تەرەپلەرگە يەتكۈزگەنلىكى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسىگە بۇ مەسىلىنى ھەر قايسى تەرەپلەر بويىچە كۆزىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارلىق تەرەپلەرنى پۇقرالارنى قوغداش ۋە خەلقئارالىق ئىنسانپەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ بولۇپمۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېيىلدى.

ھەلەب 2012 – يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر