دانىيەدە ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلاردىن مەريەم ئارىق گۆدە شېھىتلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كوپېنھاگېندىن 100 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سىلاگېلسە شەھىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

629400
دانىيەدە ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر ئىستانبۇلدا شەنبە كۈنى كەچتە 44 كىشىنىڭ شېھىت بولىشىغا سەۋەب بولغان خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللىغان سىياسىي رەھبەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىجتىمائيى تاراتقۇلاردا تەشكىللىنىپ، تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىھانىسىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان تۈركلەر شېھىتلەر ئۈچۈن ئەلچىخانا بىناسى ئالدىغا گۈل – چېچەك قويدى. 

باش ئەلچى مەھمەت دۆنمەز قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا شوئار توۋلىماستىن تېررورلۇققا قارشى نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان خەلق ئاممىسىغا خىتاي قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەزگۈرلىكىگە رەخمەت ئېيتتى. مەھمەت دۆنمەز دانىيە مېدىياسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا پەرۋاسىز قاراپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى دانىيە مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قارار قىلىنغان ئىدى. سىلەرنىڭ مەھكىمەڭلار قارار چىقارغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈڭلار» دېدى. 

نامايىشقا قاتناشقان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن شەھرا مەتىن، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىگە چەت ئەللەردىن يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكنى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭ قارىشىمچە تۈركىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى دانىيەدۇر» دېدى. 

مەريەم ئارىق گۆدەمۇ شېھىتلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كوپېنھاگېندىن 100 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سىلاگېلسە شەھىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نامايىشچىلار ھاۋانىڭ شۇنچە سوغۇقلىقىغا قارىماستىن بىر قانچە سائەتكىچە ئەلچىخانا ئالدىدا تۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا دانىيە پۇقراسىنىڭ بولغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

نامايىشچىلار شېھىتلەرگە دۇئا قىلىپ، ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر