رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى سېرگېي رىيابكوۋ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

628705
رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي رىيابكوۋ، «ۋاشىنگتون قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان شەرتلەردە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ھازىرغىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى. غەرب ئاگېنتلىقلىرى يازغان خەۋەرلەر رېئاللىققا ماس كەلمەيدۇ» دېدى ۋە دۆلىتىنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەر شەكىلدە ھەلەبتىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك شەرتلەرنى ھازىرلاشقا تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۇرىيە ئۆكتىچىلەر بولسا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى؛ تەكلىپتە قوراللىق ئۆكتىچىلەر، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ھەلەبتىن بىخەتەر شەكىلدە چىقىپ كېتىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر ئۆكتىچىلەر تەكلىپنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ 48 سائەت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ھەلەبتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان ئەسەد كۈچلىرى، جەنۇبتىكى پالمىرا قەدىمكى شەھىرىنى يەنە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تارتقۇزۇپ قويدى.

بۇ جەرياندا، ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندى – يۇنىسېف، ھەلەبتىكى پۈتكۈل بالىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  5 – 6 ياشلىق بالىلارنىڭ بىلىدىغان بىردىنبىر نەرسىسىنىڭ ئۇرۇش ۋە بومبا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندى خادىملىرى، ھەلەبتىكى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بالىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، 100 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي خادىمغا ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر