ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى دالاي لاما ھەققىدە دونال ترامپقا مەكتۇب يوللىدى

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسىنىڭ دالاي لاما ھەققىدە دونالد ترامپقا يوللىغان مەكتۇبى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى.

627570
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى دالاي لاما ھەققىدە دونال ترامپقا مەكتۇب يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسى ئەزاسى جىم سېنسېنبىرېننېر يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپقا مەكتۇپ يېزىپ، تىبەتنىڭ رۇھانىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋە ئامېرىكىنىڭ تىبەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى.

خەۋەرەلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، جىم سېنسېن بىرېننېر دونالد ترامپقا يوللىغان مەكتۇبىنى «پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى باشلىغىنىڭىزدا، تىبەتنىڭ رۇھانىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەنمۇ كۆرۈشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن» دەپ باشلىغان. ھەمدە: «تىبەتلىكلەرمۇ ئۆز كۈلتۈرىنى، تارىخىي مىراسلىرىنى، تىل ۋە دىنلىرىنى قوغداش ھەق -ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى كېرەك. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىبەت خەلقى بۇ ئەقەللىي كىشىلىك ھوق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، نارازىلىق نامايىشلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەكتۇپتا يەنە، «يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان تىبەت خەلقى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. سىزنىڭ تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تىبەت خەلقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كۈچلۈك مۇناسۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېيىلگەن.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى جىم سېنسېن بىرېننېر 6 – دېكابىردا يوللىغان مەكتۇبىنى 8 – دېكابىردا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ئېلان قىلدى.

جىم سېنسېن بىرېننېر ئامېرىكىدا «تېبەتلىكلەرنىڭ سادىق دوستى» دەپمۇ تونۇلىدۇ. ئۇ 2008 – يىلى تىبەتنىڭ رۇھانىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت خەلقىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر