لاۋروۋ ئەسەدنىڭ «پۇقرالار»ئۈچۈن ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ «پۇقرالار»ئۈچۈن ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

626667
لاۋروۋ ئەسەدنىڭ «پۇقرالار»ئۈچۈن ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەبتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق توختىتپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لاۋروۋ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىد ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى 23-نۆۋەتلىك بالقانلار كېڭىشى يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سېرگېي لاۋروۋ ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى ھەلەبنىڭ شەرقىدىن كەتمەكچى بولغان پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە تەييارلىق قىلىندى، ھازىرغىچە بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق قىلىنىپ باقمىدى. بۇ ئىشتا تەخمىنەن 8000 كىشى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. »

لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەلەبتىكى تېراگىدىيەنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەم تاشلىمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى دائىرىسىدە سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا ئاداققىچە زەربە بېرىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.  

ئۇ رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلىق ھەربىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ شەنبە كۈنى جەنۋەدە يىغىن چاقىرىش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكلىرىنى، يىغىندا ھەلەبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر