ئامېرىكا رۇسىيەنى «مەسئۇلىيەتچان بولۇش» قا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە دائىرىلىرىنى سۈرىيە مەسىلىسىدە «مەسئۇلىيەتچان رول ئويناش» قا چاقىردى.

626106
ئامېرىكا رۇسىيەنى «مەسئۇلىيەتچان بولۇش» قا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست، سۈرىيە مەسىلىسىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش جەھەتتە رۇسىيەنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «رۇسلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان رول ئوينايدىغان ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئېرنېست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسۇقنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەخلاقسىز ھەربىي تاكتىكىلىرى بىلەن رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ مۇداخىلە قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ئېرنېست، غەرب ئەللىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھامىيلىقىدا شەھەرنى بومباردىمان قىلغان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىگەن باياناتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ، باياناتنىڭ ھەلەبتىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا ئوخشاش ھەر قانداق كونكرېت بىر پىلان ياكى چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ب د ت  نىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئېرنېست، «سۈرىيەلىكلەرمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك. رۇسلار، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پىلاننى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن نوپۇزىنى ئىشقا سېلىشى لازىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر