«دېموكراتىك» فىرانسىيەنىڭ «ئەدلىيەگە قىلغان مۇداخىلىسى» غۇلغۇلا قوزغىدى

غەربنىڭ «دېموكراتىيەسىنىڭ راۋاجلانغانلىقى بىلەن ئىپتىخارلىنىۋاتقان» بىر دۆلىتى – فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئەدلىيە ساھەسىدىكى سەتچىلىك پۈتكۈل دۇنيادا تەئەججۈپلىنىش پەيدا قىلدى.

626229
«دېموكراتىك» فىرانسىيەنىڭ «ئەدلىيەگە قىلغان مۇداخىلىسى» غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا دۆلەتنى پارچىلىنىش گىرۋىكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن غەرب، پۇرسەت تاپسىلا تۈركىيەگە «قانۇننىڭ كۈچى» گە ھۆرمەت قىلىشنى خاتىرىلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،  غەربنىڭ «دېموكراتىيەسىنىڭ راۋاجلانغانلىقى بىلەن ئىپتىخارلىنىۋاتقان» بىر دۆلىتى – فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئەدلىيە ساھەسىدىكى سەتچىلىك پۈتكۈل دۇنيادا تەئەججۈپلىنىش پەيدا قىلدى.

ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇيان جىددىي ھالەت قانۇنى بىلەن باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەدە، نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەدلىيە، قانۇن چىقىرىش ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىق قارارنامىسى چىقىرىپ، نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن مانۇئېل ۋاللسنىڭ ئىستېپاسىدىن ئىلگىرى (5 – دېكابىر)  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمزالىغان قارارنامىسى بىلەن نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بېرتراند لوۋېل بىلەن مەزكۇر مەھكىمىنىڭ باش مۇپەتتىشى جېئىن كلائۇد مارىن ئالدىن خەۋەر بېرىلمىگەن مەزكۇر قارارنامىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر بېرناردىن كۆرۈشۈش تەلەپ قىلدى. باش مىنىستىرلىققا ئەۋەتكەن مەكتۇپىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان لوۋېل بىلەن مارىن، ئەدلىيە مىنىستىرى جېئىن جاك ئۇرۋوئاس بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىگە ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرۇلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەكتۇپتا، «بىز رەسمىي گېزىت ئارقىلىق خەۋەر تاپقان قارارنامىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن،  تەرىپىڭىزدىن قوبۇل قىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتىمىز» دېيىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند بىلەن نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

لې موندې گېزىتىنىڭ ئىككى مۇخبىرىنىڭ ئولاند بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان «بىر پىرېزىدېنت بۇلارنى دېمەسلىكى كېرەك» ناملىق كىتاب ، يۇقىرى سوت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئولاندنىڭ مەزكۇر كىتابتىكى سۆزلىرىدە فىرانسۇز سوتچىلارنى «قورقۇنچاقلىق» بىلەن ئەيىبلىشىگە بولۇپمۇ نارازىلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر