سېنېگال فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 6 مەكتەپنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى

باش ئەلچى دوكتور ھەسەن ياۋۇز،«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەممىلا يەردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. تۈزۈلگەن كېلىشىمنامە پۈتۈن مىللىتىمىزگە خەيرىلىك بولغاي» دېدى.

625373
سېنېگال فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 6 مەكتەپنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى سېنېگال تەخمىنەن 3 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 6 مەكتەپنى تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى (فوندى جەمئىيىتى)گە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.

تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى (فوندى جەمئىيىتى) باشلىقى ۋەكىلى باش ئەلچى دوكتور ھەسەن ياۋۇز، سېنېگال ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى مەسئۇللىرى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، مەزكۈر مەكتەپلەرنىڭ ۋەقپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكتور ھەسەن ياۋۇز ئۇچرىشىش جەريانىدا سېنېگال پىرېزىدېنتى ماككىي سال ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانكۇ نىدايە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەقسىتىمىز دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

ھەسەن ياۋۇز كېلىشىمنامىنىڭ پەقەت مەكتەپلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىلا ئەمەس، بەلكى سېنېگالنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشنىمۇ نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەممىلا يەردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. تۈزۈلگەن كېلىشىمنامە پۈتۈن مىللىتىمىزگە خەيرىلىك بولغاي» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتىلەردىمۇ ئافرىقىدىكى گىنە، چاد ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى (فوندى جەمئىيىتى)گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

سومالى بولسا، 15 - ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن  دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنى تۈركىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر