پاكىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

پاكىستان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى پايتەخت ئىسلامئابادقا يېقىنلاشقاندىن كېيىن راداردىن چىقىپ كەتتى.

625574
پاكىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالدىكى چىترال شەھىرىدىن ئىسلامئابادقا قاراپ قوزغالغان ئايروپىلاننىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكى قىلىنالمىدى. 46 يولۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 يېرىمدا راداردىن چىقىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئايروپىلاننىڭ ئايرودۇرۇمغا يېقىن بىر جايغا چۈشۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر