ئىسرائىلىيە پارلامېنتى بىر «قانۇنسىز» قانۇن لايھەسىنى ماقۇللىدى

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كىنېسسېت يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

624485
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى بىر «قانۇنسىز» قانۇن لايھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كىنېسسېت ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىغا ئوخشاش قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىدىن كېيىن ئومۇمىي كېڭەشكە سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھە، 49 ئاۋازغا قارشى 59 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر قانۇن لايىھەسىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ باسقۇچلۇق يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشى كېرەك.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق قارار بېرىشىدىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىدىن بۇ ئولتۇراق رايونىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنى باشقا جايغا يۆتكەش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك مۆھلەت تەلەپ قىلغانىدى.

ھۆكۈمەت مەزكۇر قارارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن پارلامېنتتىن يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاتقۇزۇشنى پىلانلاپ كېلىۋاتاتتى، بىراق يېقىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلگەن قويۇق سۆھبەتلەردىن كېيىن پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا توسالغۇ بولۇشنى مەزمۇن قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى قارار قىلىندى.

پەلەستىنلىكلەر ئەرز قىلغان ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى،  2014-يىلى 26-دېكابىردا «خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلغانلىقتىن  قۇرۇلۇشلارغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى»سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ، ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ 2016-يىلى 25-دېكابىرغىچە ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان قارارىنى يەتكۈزگەن بولسا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىدىن مەزكۇر قارارنى 7 ئاي كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىنيامىن رايونىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە زېمىن ئۈستىگە 1997-يىلدا بەرپا قىلىنغان ئامونا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىدا تەخمىنەن 50 يەھۇدىي ئائىلىسى ياشايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر