ب د ت دا ھەلەب ئۈچۈن يەتتە كۈن ئۇرۇش توختىتىش ئاۋازغا قويۇلىدۇ

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەلەبكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىچكى ئۇرۇشنى يەتتە كۈن توختىتىش تەكلىپ قىلىنغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

623478
ب د ت دا ھەلەب ئۈچۈن يەتتە كۈن ئۇرۇش توختىتىش ئاۋازغا قويۇلىدۇ
halep'ten kaçış.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ شىددەتلىك ھاۋا بومباردىمانلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە ب د ت نىڭ ھەلەبنى «يېمىك-ئىچمەك يوق شەھەر» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن، ئىسپانىيە، مىسىر، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇش توختىتىش قارار لايىھەسى تەييارلاپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇندى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ ب د ت دائىمىي ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەلەبكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىچكى ئۇرۇشنى يەتتە كۈن توختىتىش تەلەپ قىلىنغان لايىھەنىڭ بۈگۈن (5-دېكابىر) ئەنقەرە ۋاقتى 22:00 دە ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. لايىھەنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا 10 كۈن بولۇشى تەلەپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ يەتتە كۈنگە قىسقارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

لايىھەنىڭ تەقدىرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق. رۇسىيە 2011-يىلدىن بۇيان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەش قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.

كانادانىڭ باشچىلىقىدا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەت، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇسىيە سەۋەبىدىن ئىش قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 193 ئەزاسى بار ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ھەلەب ئۈچۈن دەرھال توپلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.  

رۇسىيە يەنە لايىھەنى رەت قىلغان تەقدىردە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر