مارك تونېر سۈرىيە مەسلىسىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر ھەلەب خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشىچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

622106
مارك تونېر سۈرىيە مەسلىسىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر سۈرىيە خەلقىنىڭ بولۇپمۇ ھەلەب خەلقىنىڭ باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئازابلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

يىغىندا تونېردىن سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلارنىڭ رۇسىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى سورالدى.

تونېر بۇنى توغرا ياكى خاتا دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سوئالغا ئەسلىدە رۇسىيە ياكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ جاۋاپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بىز سۈرىيە خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ھەلەب خەلقىنىڭ باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئازابلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز. بىز تۈركىيە، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز شۇنداقلا سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مارك تونېر يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سەرگېي لاۋروۋ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستۇرا بىلەن «ئاق دېڭىز مۇزاكىلىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۇچرىشدىغانلىقىنى بىلدۈردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر