گېرمانىيەدە پ ك ك چوماقچىلىرى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى

گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە تۈركلەرگە تەۋە ئىش ئورۇنلىرى، جەمئىيەت بىنالىرى پ ك ك لىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

621986
گېرمانىيەدە پ ك ك چوماقچىلىرى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ ۋە سىھلېسۋىگ-ھولىستېيىن ئۆلكىلىرىدە تۈركلەرگە تەۋە ئىش ئورۇنلىرى، جەمئىيەت بىنالىرى ۋە جامەلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

پ ك ك قوللىغۇچىلىرى ھامبۇرگدىكى بىر تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى، تۈركلەرگە تەۋە بىر گېزىتخانا، تۈركىيە تەنتەربىيە كۇلۇبى ۋە كىۋىكبورن شەھىرىدە دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسىغا تەۋە ئەلى پاشا جامەسىگە ياغ بوتۇلكىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن بۇ بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە تەنتەربىيە كۇلۇبىغا ياغ بوتۇلكىلىرى ئاتقانلىقلىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىپ ئىنتېرنېتتە تارقاتتى.

تەنتەربىيە كۇلۇب مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھۇجۇم ئەسناسىدا بىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتقان بىر ئىشچىنىڭ ئوت ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالمىغان بولسا زەھەرلىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوغان ئىنام، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىنام ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان ئەھۋالدا ھۇجۇمنىڭ ۋىدىئوسىنى ئىنتېرنېتتە تارقاتقانلارنىڭ IP ئادرىسلىرىنى ئېنىقلاپ گۇماندارلارنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامبۇرگنىڭ ئېيىمسبۇتتېل شەھىرىدە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭمۇ تاملىرىغا قىزىل بوياق ئېتىپ دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن زوراۋانلار، تاملارغا تەھدىت مەزمۇن قىلىنغان خەتلەرنى يازدى.

زوراۋانلار ھامبۇرگقا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان سىھلېسۋىگ-ھولىستېيىن ئۆلكىسىنىڭ كىۋىكبورن شەھىرىدىكى ئەلى پاشا جامەسىگىمۇ بوياقلار ئېتىشتى.

ياۋروپا تۈرك كونفېدراتسىيەسى رەئىسى جەمال چەتىن، تېررورچىلارنىڭ بىنورمال روھىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «زوراۋانلارنىڭ بۇرۇنراق تۇتۇلۇپ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز، مۇشۇنداق بولغاندا بۇ خىلدىكى زوراۋانلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا فېدراتسىيە ئەزالىرىمىز ھازىرغىچە قانداق سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ ھۇجۇملارنى سادىر قىلغۇچىلارنى سوتقا ئەرز قىلدۇق، جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىگە تەھدىت سالغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا قارشى دېموكراتىك پىرىنسىپلار دائىرىسىدە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر