ئىسرائىلىيە تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ
ئىسرائىلىيە دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ ئىسرائىلىيە› رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئەللەردىن ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى تەلەپ قىلىش قارارى ئالغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېنيامىن نېتېنياھۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى گىلاد ئېردان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن شۇنداق قارار ئالغان.
بىراق خەۋەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپنى مەزكۇر دۆلەتلەرگە قاچان سۇنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيەدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 نۇقتىدا بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.