ئەسەد كۈچلىرى ھەلەبكە خلور گازلىق ۋارىل بومبىسى تاشلىدى

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ھەلەب شەھىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جەزمەتلى ۋە ئەردھەمرا رايونلىرىغا «خلور گازلىق» ۋارىل بومبىسى تاشلىدى.

616963
ئەسەد كۈچلىرى ھەلەبكە خلور گازلىق ۋارىل بومبىسى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبتىكى پۇقراۋىي قوغدىنىش ئورگىنى مەسئۇللىرى، ئارمىيەنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىدا ئەتراپقا يېيىلغان خلور گازىنىڭ بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەمنى زەھەرلىگەنلىكىنى؛ زەھەرلەنگۈچىلەردە قۇسۇش، نەپەس قىسىلىش ۋە باش ئايلىنىش دېگەندەك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ئىزچىل تۈردەك خلور گازلىق ۋارىل بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئەمەلدارلار، «رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە شەھەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلماقتا. پۇقراۋىي قوغدىنىش خادىملىرى نەق مەيدانغا بارالمايۋاتماقتا» دېدى.

سۈرىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ياردەم قىلغان ھۇجۇملاردا، ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىدە 361 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1210 پۇقرا يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر