ئاق دېڭىزدا ئىككى كۈن ئىچىدە 340 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھاۋانىڭ سوغۇشىغا ئەگىشىپ ئاق دېڭىزدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىدى.

613456
ئاق دېڭىزدا ئىككى كۈن ئىچىدە 340 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە ئاق دېڭىزدا مەيدانغا كەلگەن تۆت قازادا 340 تىن ئارتۇق مۇساپىر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2016 – يىلى ئاق دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلار سانى 2015 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئېغىر بولدى؛ خەلقئارا مۇساپىرلار تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2016 – يىلى تەخمىنەن 4500 كىشى لىۋىيە ۋە مىسىردىن يولغا چىقىپ ئىتالىيەگە بېرىشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

قىشنىڭ كىرىشى بىلەن ھاۋا شارائىتى ناچارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپىرى قىيىن ۋە خەتەرلىك شارائىت ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر