مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ ئوغلىنىڭ 3 يىلدىن بېرى تۈرمىدىكى دادىسىنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنمەكتە

مىسىردا تۈنجى قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇللار  بىلەن سايلىنىپ چىققان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

613736
مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ ئوغلىنىڭ 3 يىلدىن بېرى تۈرمىدىكى دادىسىنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ تۈرمىدىكى دادىسىنى زىيارەت قېلىشىغا يەنە رۇخسەت قىلىنمىدى.

ئابدۇللاھ مۇرسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى فېسبۇكتىكى ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا «3 يىلدىن بۇيان ھەر قېتىم دادامنى كۆرگىلى بارسام، مېنى قايتۇرىۋېتىپ كەلمەكتە. بۈگۈن يەنە ئوخشاش پاجىئە تەكرارلاندى» دېدى. 

ئابدۇللاھ مۇرسى فېسبۇكتىكى ھېسابىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا دادىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈرمىگە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

مۇھەممەد مۇرسى «تۈرمىگە بېسىپ كېرىش» دەپمۇ تۇنۇلغان دېلوغا چېتىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بىراق مىسىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارى بويىچە مۇھەممەد مۇرسى قايتىدىن سوت قىلىنىدىغان بولدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبىرى مۇھەممەد مۇرسى 2011 – يىلىدا ھۆسنى مۇبارەككە قارشى نامايىشلار جەريانىدا يۈز بەرگەن كوللېكتىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار، دەپ ئەيىبلىنىپ 2015 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

مۇھەممەد مۇرسى 2011 – يىلىدا ھۆسنى مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىردا تۈنجى قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇللار  بىلەن سايلىنىپ چىققان 1 - پىرېزىدېنت بولۇپ، 2013 – يىلى يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

مۇھەممەد مۇرسى ئۆتكەن ھەپتىدە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر