ترامپقا قارشى نامايىشچىلار سېپىگە ئوقۇغۇچىلارمۇ قېتىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان دونالد ترامپقا قارشى نامايىشچىلار سېپىگە ئوقۇغۇچىلارمۇ قېتىلدى.

611906
ترامپقا قارشى نامايىشچىلار سېپىگە ئوقۇغۇچىلارمۇ قېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋاشىنگتوندا توپلانغان ئوقۇغۇچىلار، دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى؛ دونالد ترامپنىڭ 7 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئالىي سوت بىناسىغىچە ماڭغان نامايىشچىلار، سايلام نەتىجىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى. دونالد ترامپنىڭ ئىرقچى ۋە ئايرىمىچى باياناتلىرى تۈپەيلى پىرېزىدېنت بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان نامايىشچىلارغا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قېتىلدى.

دۆلەتنىڭ پەرقلىق شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرمەكتە.

ساقچىلار، ۋاشىنگتوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، ۋەقە پەيدا قىلماقچى بولغان نامايىشچىلارغا ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلماقتا.

تاراتقۇلارنىڭ نامايىشچىلارنى كۈشكۈرتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان دونالد ترامپ، ئەگەر سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرى مۇشۇنداق بىر ئىشنى چىقارغىنىدا، مېدىيانىڭ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى سورىدى.

8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىك پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتونغا نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى 20 – يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر