يەمەندە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
يەمەننىڭ تەئىز شەھىرىدە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 12 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
611284
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەئىزدە ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 ئەسكەر بىلەن 9 ھۇسىي ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 ئەسكەر بىلەن ئونلارچە ھۇسىي يارىلاندى. ھۇسىيلارنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا قاراتقان بومبىلىق ھۇجۇملىرىدا بولسا، 2 پۇقرا ئۆلدى، 5 پۇقرا يارىلاندى.
ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپدارى كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.