گىرېتسىيە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىرقچى قىلمىشى سەۋەبىدىن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىن كەچۈرۈم سورىدى

گىرېتسىيە پۇتبول فېدىراتسىيەسى گىرېتسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىرقچى قىلمىشى سەۋەبىدىن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى.

610708
گىرېتسىيە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىرقچى قىلمىشى سەۋەبىدىن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىن كەچۈرۈم  سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پۇتبول فېدىراتسىيەسى بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا – گىرېتسىيە پۇتبول مۇسابىقىسىدە، سىرپ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بوشناقلارنى ھاقارەتلەپ «پىچاق، سىم توساق ۋە سىرېبرېنىتسا»دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشى سەۋەبىدىن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

گىرېتسىيە پۇتبول فېدىراتسىيەسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت ئافېنادا ئوينالغان مۇسابىقىدە بىر تۈركۈم گىرېتسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بوشناقلارنى ھاقارەتلەپ لوزۇنكا كۆتۈرۈۋېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ قىلمشىنىڭ ئىرقچى قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 گىرېتسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى سەۋەبىدىن كەچۈرۈپ سورايدىغان تەرەپنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گىرتسىيە پۇتبول فېدىراتسىيەسى، بۇ لوزۇنكىلارنىڭ تەنتەربىيەنىڭ روھىغا ۋە گىرېتسىيەنىڭ مېھماندوستلىقىغا ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ۋەقە توغرۇلۇق مەلۇمات يىغىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گىرېتسىيە بىلەن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرى 2018 دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ياۋروپا شاللاش مۇسابىقىلىرى H گۇرۇپپىسنىڭ تۆتىنچى ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە پايتەخت ئافېنادا مۇسابىقىگە چۈشتى.

ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ كەلگەن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا  دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، قوشۇمچە بېرىلگەن ۋاقىتتا گىرېتسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدىن گىئورگويىس تىزاۋېللاسنىڭ ئاتقان توپى بىلەن مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالدى،مۇسابىقە باشتىن-ئاخىرغىچە  ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگە سەھنە بولدى.  

گىرېتسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقىنىڭ بېشىدىلا بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا دۆلەت مارشىغا ئىسقىرتىپ مەسخىرە قىلدى، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا  كوماندىسىنىڭ ۋارتاسىنىڭ كەينىدە تۇرۇۋالغان گىرېتسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى 1995-يىلى سىرېبرېنىتسادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىدە سىرپلار توۋلىغان «پىچاق، سىم توساق، سىرېبرېنىتسا»شوئارلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېچىپ كەيپىياتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

بوسنىيە گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان سىرېبرېنىتسادا 1995-يىلى ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىقتا ئەڭ ئاز 8000 لىك بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا ئەر سىرپلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر