ياپونىيە بىلەن ھىندىستان خىتايغا قارشى يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزدى

بۇ كېلىشىم بىلەن ھىندىستاننىڭ رايوندا خىتايغا قارشى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان بىر كۈچگە ئايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

609447
ياپونىيە بىلەن ھىندىستان خىتايغا قارشى يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە خىتايغا قارشى ھىندىستانغا يادرو ۋە ھەربىي تېخنىكا سېتىپ بېرىدىغان بولدى.

ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن ئىمزالانغان خەلقچىل مەقسەتلىك يادرو تېخنىكا كېلىشىمىگە بىنائەن ياپونىيە ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرالىشى ئۈچۈن يېڭى دېھلىنى يادرو يېقىلغۇ ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى.

ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئاتوم ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىردىن – بىر دۆلەت بولۇپ، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ×ەلئارالىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويمىغان بىر دۆلەت بىلەن تۈنجى قېتىم بۇ خىل كېلىشىمنى تۈزمەكتە.

بۇ قېتىمقى كېلىشىمگە بىنائەن ياپونىيە تەمىنلەيدىغان يادرو يېقىلغۇ ۋە ئەسلىھەلىرى پەقەتلا تىنچلىقپەرۋەر مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كېلىشىمگە قوشۇمچە ئىمزالانغان يەنە بىر ئەھدىنامىدە، ئەگەر ھىندىستان يادرولۇق قورال سىناق قىلىدىغان بولسا، ياپونىيەنىڭ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېلىشىم ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن ھىندىستان رەھبىرى نارەندا مۇدىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئىمزالاندى.

ھىندىستان يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارالىق ئەھدىنامىسىنىڭ ئايرىمچىلىققا تولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويمىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خوشنىسى خىتاي بىلەن پاكىستان يادرو قورال كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندىستان بەزى ئەندىشىلەر تۈپەيلى يادرو ئېنېرگىيە زاپىسىنى 2032 – يىلىغا قەدەر 10 ھەسسە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئامېرىكىدا مەركىزىي ئىشخانىسى بولغان  توشىبا شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى «Westinghouse Electric» شىركىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا 6 يادرو ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھىندىستان 2008 – يىلى ئامېرىكا بىلەنمۇ ھازىر ياپونىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئوخشاشلا كېلىشىم تۈزگەن ۋە ئامېرىكا ھىندىستاننى يادرو تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

بۇ ئىش ھىندىستاننى رايوندا خىتايغا قارشى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان بىر كۈچگە ئايلاندۈرۇش سىياسىتىنىڭ تۈنجى قەدىمى بولۇپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر