تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مۇسۇلدا ئېغىر زەربە يېمەكتە

پالكوۋنىك ئەھمەد ئەلجۇبۇرى ھەرىكەت جەريانىدا ئىراق ئارميىەسىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توشۇس ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 4 ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئادەم بومبىنى ئىشقا سالغانلىقىنى ئېيتتى.

609260
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مۇسۇلدا ئېغىر زەربە يېمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالماقتا.

 مۇسۇل ھەرىكىتى قوماندانلىرىدىن گېنېرال رەشىد ياراللاھ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىراق قىسىملىرىنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى تەل يارا يېزىسىنى دائېشتىن تارتىپ ئالغانلىقىنى، شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىمۇ ئەل ئىنتىسار، جەدىدە ئەل مۇفتى، ھاييەش شەيما ۋە ئەسسالام مەھەللىرى بىلەن شەرقىي شىمالىدىكى ئەل ئۇرۇبىيە، ئەل قۇددىسىيەلئەلا ۋە ئەل بىكىر مەھەللىلىرىدە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال رەشىد ياراللاھ بۇ جايلاردا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسۇل ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پالكوۋنىك ئەھمەد ئەلجۇبۇرى بولسا، ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتىنىڭ مۇسۇلنىڭ شەرقىدىكى ئەلقادىسىيە ئەسسانىيە مەھەللىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى دائېشتىن تارتىپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد ئەلجۇبۇرى ھەرىكەت جەريانىدا ئىراق ئارميىەسىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توشۇس ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 4 ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئادەم بومبىنى ئىشقا سالغانلىقىنى، 3 موتوسىكلىتنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئارىلىقتا ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇسۇلدىكى دائېشقا قارشى ئۇرۇش ھەيئىتىنىڭ يېڭى مەسئۇلى خالىد ئەل مىتۇيتىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئوق تېگىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاسالىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئەسكەرلىر تەرىپىدىن تەربىيەلەپ يېتىشتۇرۇلگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىردە ھەرىكەت باشىلىغان ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇسۇلدىكى دائېشقا قارشى ئۇرۇش ھەيئىتىنىڭ يېڭى مەسئۇلى خالىد ئەل مىتۇيتىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئوق تېگىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئەسكەرلىر تەرىپىدىن تەربىيەلەپ يېتىشتۇرۇلگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىردە ھەرىكەت باشىلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر