ئامېرىكىدا مۇسۇلمان ئىككى قىز ئوقۇغۇچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىدا دۆلەتكە قاراشلىق ئىككى ئالىي مەكتەپتە مۇسۇلمان ئىككى قىز ئوقۇغۇچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

608856
ئامېرىكىدا مۇسۇلمان ئىككى  قىز ئوقۇغۇچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سان دىياگو ۋە سان جوس دۆلەت ئۇنىۋېرىستېتلىرىدا ئوقۇيدىغان ئىككى مۇسۇلمان قىز ئوقۇغۇچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

تۇنجى ۋەقە سان دىياگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز  بەردى.

ئۇنىۋېرسىتېتقا قاراشلىق ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسى ئىككى ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا مۇسۇلمان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ «ئېتىقادى ۋە پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد تىرامپقا بولغان كۆز-قاراشلىرى»سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا  ھاقارەت قىلغانلىقلىرىنى، ئارقىدىن 18  ياشلىق بۇ قىزنىڭ ماشىنىسىمۇ ئېلىپ قاچقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

 ساقچىلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

يەنە بىر ۋەقە سان جوس ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پىسخولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئەسرا ئالتۇن ۋەقە توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 3-قەۋەتتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ماشىنىسىغا چىقاي، دېگەندە بىر زوراۋاننىڭ كەينىدىن كېلىپ ياغلىقى بىلەن چېچىنى تارتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىر نەچچە مىنۇت داۋاملاشقان ۋەقەدە تىنىق ئېلىشتا قىينالغانلىقىنى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىپ زوراۋاننىڭ قولىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئالتۇن، زوراۋاننىڭ  تىكىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالتۇن ۋەقەنىڭ نەپرەت جىنايىتى  ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ تىرامپ پىرېزىدېنت سايلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەكتەپنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى دوئا ئابدۇراھمان ھۇجۇمنىڭ دونالد تىرامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئىرقچىلىق ھەر دائىم بار ئىدى، بىراق تىرامپ بۇنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر