«ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

607853
«ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تونېر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ  دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۆتكۈنچى باسقۇچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز» دېدى.

ئۇ، يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت بىلەن ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ بىر – بىرىگە زىت سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: « بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،  ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز. قولىمىزدىن كېلىشىچە، ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ئۇلارغا مەلۇمات بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر