«تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ»

تۈركىيە – ئامېرىكا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سارىكايا تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

608085
«تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا پارلامېتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەلى سارىياكا ترامپنىڭ سايلام غەلىبىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دونالد ترامپنىڭ سايلىنىشىنىڭ، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭ غەلىبىسىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇدا 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمدە ئورتاق مەنپەئەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سارىكايا، رايونلۇق توقۇنۇش خەۋپلىرى ۋە خەلقئارالىق تېررورىزم دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئىككى دوست، ھەمراھ ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ھەمكارلىقنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىمىزدا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەم ھەمكارلىقىمىز ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچىتىدۇ. پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ترامپقا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر