يەمەندە تىنچلىق پىلانى ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر كەسكىنلەشمەكتە

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك ئە-مىخلافى ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلىد ئەش-شەيخ ئەھمەدتىن ت تىنچلىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

606050
يەمەندە تىنچلىق پىلانى ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك ئە-مىخلافى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلىد ئەش-شەيخ ئەھمەدتىن تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا تىنچلىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقى سابانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ سەنئادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋىلادىمىر دەدۇشكىنى كۈتۈۋالغان مىخلافى، ئەھمەد ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ھۆكۈمەت رەت قىلغان ھازىرقى تىنچلىق پىلانىنىڭ ھەققىي تىنچلىق بەرپا قىلالمىغانلىقىنى، پەقەت ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلەرگە ۋاقىتلىق خاتىمە بېرىشتىلا رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتقان.

شەيخ ئەھمەد ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىدا يېڭى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنى بېكىتىش، ئۆتكۈنچى مۇساپىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ۋە سىياسىي دىئالوگ مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن باشلامچىلىق قىلىدىغان مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى قۇرۇش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمەتلىرىنى تاملاملاش ۋە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىئە ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئەكبەر سالىھىنىڭ پارتىيەسى ئومۇمىي خەلق مەجلىسى، بەزى كەمچىللىكلەرنىڭ ئەكسىچە شەيخ ئەھمەد ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىڭ كېڭەش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇرابۇ مەنسۇر ھادىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ 2216 نومۇرلۇق قارارىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن پىلاننى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يەمەن باش مىنىستىرى ئەھمەد بىن داغىر پەيشەنبە كۈنى ئەھمەد ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىقى پىلانىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر