ئامېرىكا: تۈركىيەگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى خالايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد، تۈركىيە - ئامېرىكا ھەربىي ھەمكارلىقلىرى، راققە ھەربىي ھەرىكىتى، دائېش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى.

605983
ئامېرىكا: تۈركىيەگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ راققەنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى، قولدا تۇتۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشىغا دائىر ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلارنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئورۇن ئالغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، راققە مەسىلىسىدە ئۆزئارا ماسلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئوفېتسىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ھەربىي ۋاكالەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پېنتاگۇننىڭ باياناتىدا،  «ھەرىكەت توغرىسىدا ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشنى خالايمىز» دېيىلدى.

دۇنفورد، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن  4 يېرىم سائەتلىك سۆھبىتى توغرىسىدا ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ،  ئۇچرىشىشتا، سۇرىيەنىڭ راققە شەھىرىنىڭ دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنىشىغا دائىر خىزمەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

جوسېف دۇنفورد، مەھەللىي كۈچلەر ۋە راققە ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان «توغرا كۈچلەر» نىڭ ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، شەھەر دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان تەقدىردە قولدا تۇتۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

راققە ھەرىكىتىدە نۇقتىلىق ھالدا ئەرەب كۈچلەرگە ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇنفورد، «بۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلەر بار. مۆتىدىل سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بار، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيەلىك كۈچلەر ۋە ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر