پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن باشىكانى تارتىپ ئالدى

پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇلنىڭ باشىكا ناھىيەسىنى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن تامامەن تارتىپ ئالدى.

606198
پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن باشىكانى تارتىپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇلنىڭ باشىكا ناھىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تارتىپ ئالدى.

پەشمەرگە كۈچلىرىدىن گېنېرال ئىسكەندەر خالىل، بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى تېلېفوندا قوبۇل قىلىپ، ناھىيەنىڭ دائېشتىن تولۇق تازىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشىكاغا يوشۇرۇنىۋالغان يۈزلەرچە تېررورچى قوللىرىدىكى بومبا قاچىلانغان بومبىلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە.

دائېش باشىكا ناھىيەسىنى 2014-يىلى 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ چاڭگىلىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانىدى.

باشىكا تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىكا بازىسىدا تۈرك ئەسكەرلىرى ھەربىي تەلىم بەرگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17-ئۆكتەبىردە ھەرىبي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.


خەتكۈچ: #دائېش , #باشىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر