بۈگۈن ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ كۈن

بۈگۈن (8-نويابىر) دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئاخىرقى نۇقتىغا كەلدى.

606407
بۈگۈن ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ كۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىلارى كلىنتون بىلەن دونالد ترامپ ئاخىرىغىچە سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئىككى نامزات سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن قارارىنى بەرمىگەن سايلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. فلورىدا، كالىفورنىيە ۋە تېكساس قاتارلىق ئاۋاز نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئىشتاتلار بۇ قېتىمقى سايلامدا بەلگىلىگۈچى رول ئوينايدىغان بولۇپ، «بۇ ئىشتاتلاردا غەلىبە قىلغان سايلامدا ئۇتىدۇ» دەپ قارىلىدىغان ئىشتاتلاردا رىقابەت كەسكىنلەشتى.

ئېلىخەت مەسىلىسى ھىلارى كلىنتوننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئەڭ كۆپ بېشىنى ئاغرىتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە مەكتۇپلارنى خۇسۇسىي ئېلىخەت ئادرېسىدىن ئەۋەتىپ، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى قوغداشتا دىققەت قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەندى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) سايلامغا بىر قانچە سائەت قالغاندا، كلىنتوننى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دېموكراتلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى سايلامدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا، پىرېزىدېنتتىن باشقا 100 ئەزاسى بار كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۈچتىن بىرى، 435 ئەزاسى بار ئاۋام پالاتاسى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر