ب د ت، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

ب د ت ، ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدە 32 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

606200
ب د ت، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇملار ب د ت  نىڭ ئافغانىستان تارمىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ؛ ب د ت  باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفانې دۇجاررىك، ئامېرىكىنىڭ تالىبانغا قارشى پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 32 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىگە، 19 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات بەرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى. ئۇ، ب د ت  ئافغانىستان تارمىقىنىڭ ۋەقەنى تولۇق شەكىلدە تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى، جاۋابكارلارنىڭ ھېسابقا تارتىلىشى ۋە قۇربان بولغانلار ئۈچۈن تۆلەم بېرىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 3 – ئۆكتەبىردە ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز شەھىرىدىكى چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىغا تەۋە بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلىپ، 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئونلارچە كىشىنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر