ئىراق ئەسكەرلىرى مۇسۇلغا يېقىن بىر قانچە يېزىنى دائېشتىن تازىلىدى

ئەتتەللاھ رايونىدا دائېشنىڭ مەرگەنلىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋە يېزىنىڭ مەركىزىگە تۇتۇشىدىغان تونېللارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

604320
ئىراق ئەسكەرلىرى مۇسۇلغا يېقىن بىر قانچە يېزىنى دائېشتىن تازىلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئەسكەرلىرى مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ھاممام ئەلئالىل يېزىنىڭ كونتروللۇققىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشماقتا.

يېزىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي قىسمىدىكى بەزى رايونلار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاندى.

ئىراق ئەسكەرلىرى ھاممام ئەلئالىل يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇھەينە، جۇھۇنى ۋە ئەسسالىھىيە يېزىلىرى بىلەن ئەتتەللاھ رايونىنىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالدى.

ئەتتەللاھ رايونىدا دائېشنىڭ مەرگەنلىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋە يېزىنىڭ مەركىزىگە تۇتۇشىدىغان تونېللارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېزىدىكى 120 ئائىلە مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلكايرا رايونىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىراق ئەسكەرلىرى ھاممام ئەلئالىل يېزىسىنىڭ مەركىزىگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

ھاممام ئەلئالىلنىڭ مۇسۇل شەھەر مەركىزىدىن 30 كېلومېتىر ئۇزاقلىقفا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر