مۇسۇلدا تەخمىنەن 10مىڭ بالا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 10مىڭدەك بالىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

603675
مۇسۇلدا تەخمىنەن 10مىڭ بالا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تەخمىنەن 10 مىڭ بالا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپ باياناتچىسى سېتېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.

سېتېفان دۇجاررىك مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىغان 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشى سانىنىڭ 22مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق بالىلارغا ياردەم فوندى ئورگىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئىچىدە تەخمىنەن 10مىڭ بالا بارلىقىنى بىلدۈردى.

سېتېفان دۇجاررىك  يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان يېزىلاردىكى 25مىڭ كىشىگە ئاشلىق، سۇ ۋە دورا ياردىمى قىلىنغانلىقىنىمۇ  قەيت قىلدى.  

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئىرقا ئارمىيەسى قىسىملىرى،  پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپ قىسمىنى باشىكا بازىسىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #مۇسۇل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر