جاممۇ كەشمىردىكى يۈزلەرچە مەكتەپ تاقىۋېتىلدى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى، جاممۇ كەشمىر رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى يۈزلەرچە مەكتەپنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى.

603142
جاممۇ كەشمىردىكى يۈزلەرچە مەكتەپ تاقىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاممۇ كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شارما، كەشمىردە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشى بىلەن، 300 گە يېقىن مەكتەپنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، رايوننىڭ ۋەزىيىتى تۇراقلاشقاندىن كېيىن مەزكۇر قارارنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ساقچى ئەمەلدارى ۋائىدمۇ، رايوندىكى 26 مەكتەپكە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، مەسىلىگە چېتىشلىق 20 گۇماندارىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بىرلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جاممۇ كەشمىردىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلار، 1989 – يىلىدىن بۇيان مۇستەقىللىقكە ئېرىشىش ياكى پاكىستانغا بېقىنىشنى تەلەپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر