رىۋاندا ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئېلان قىلدى

رىۋاندا ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنى بىۋاستە ئەيىبلەپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىقى بار كىشىلەر ھەققىدە سوت ئاچماسلىق ياكى تەپتىشنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەسلىك ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېپىپ قېلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

601209
رىۋاندا ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئېلان قىلدى
ruanda, soykırım isim listesi.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندا ھۆكۈمىتى 1994 – يىلىدا 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە يول ئاچقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رول ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 22 ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.

رىۋاندا دۆلەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ مەزكۇر ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىسى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا فىرانسىيەنى بىۋاستە ئەيىبلەندى ۋە: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىقى بار كىشىلەر ھەققىدە سوت ئاچماسلىق ياكى تەپتىشنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەسلىك ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېپىپ قېلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېيىلدى. 

ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە ئارمىيە باش قوماندانى جاسكۇس لانساكدە بىلەن يېڭى پىنسىيەگە چىققان گېنېراللاردىن چىرىستىيان كۇينېت، دون پېررو ھۇچون ۋە چېن كىلاد لافوركەد قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ بار.

فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەندى. 

رىۋاندادا 1994 – يىلى ئەينى چاغدىكى دۆلەت رەئىسى جۇۋېنال ھابيارىمانا ئولتۈرغان ئايروپىلان چۈشۈرىۋېتىلگەن ۋە ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن ھۇتۇتلار ۋەقەدە يەنە باشقا بىر ئېتنىك گۇرۇپ تۇتسىيلارنى جاۋابكار دەپ قارىغان ھەمدە سىمبىكاڭۋادا ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تۇسىيلارغا قارشى ھۇجۇمغا باشلامچىلىق قىلغان ئىدى. رىۋاندادا 100 كۈن داۋاملاشقان بۇ قەلىئامدا 800 مىڭدىن ئارتۇق تۇتسىيلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر