رۇسىيە: خىمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىپ تاشلايمىز
رۇسىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىتىپ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
598332
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىمىيەلىك قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى يوقىتىپ تاشلاش فېدېراتىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋالەرى كاپاشىن، موسكۋانىڭ قولىدا قالغان خىمىيەلىك قوراللارنى 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىتىپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە، 1997 – يىلى ب د ت خىمىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسىگە تەرەپ بولغان بولۇپ، سوۋېت دەۋرىدىن قالغان خىمىيەلىك قوراللىرىنى يوقىتىشقا باشلىغانىدى.
1990 – يىللاردا قولىدا 39 مىڭ 967 توننا خىمىيەلىك قورال بولغان رۇسىيە ئۆتكەن يىلى بايانات بېرىپ، مەزكۇر قوراللارنىڭ %90 ىنىڭ يۇقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، قالغان قىسمىنىڭ 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىتىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.