بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى

ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ھەر يىلى تارقىتىلىۋاتقان ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى.

598256
بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ھەر يىلى تارقىتىلىۋاتقان ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتى دائېش تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن قاچقان ئىراقلىق ئەزدىيلەردىن نادىيا مۇراد باسې بىلەن لامىيا ئاجى باشارغا بېرىلدى.

ئىراقنىڭ سىنجار رايونىغا قاراشلىق كوچو يېزىسىدا ياشايدىغان ئەزىدىي ئاياللار، 2014 – يىلى رايوننى قولغا كىرگۈزۈۋالغان دائېش تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىپ، جىنسىي زورلۇققا ئۇچرىغان مىڭلارچە ئايالدىن پەقەت ئىككىسى ئىدى. تەشكىلاتنىڭ قولىدىن قېچىشقا مۇۋەپپەق بولغان پائالىيەتچىلەر ئەزىدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى يولىدا كۈرەش قىلماقتا.

ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتى ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق تور يازغۇچىسى رائىف بەداۋىغا بېرىلگەنىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاندرېي ساخاروف نامىدىن ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئاتىغان كىشىلەرنى شەرەپكە نائىل قىلىش ئۈچۈن بېرىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدە قاماقتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر