«خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق مەسئۇل جازالاندۇرۇلدى»

خىتايدا يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن بىر مىليوندىن ئارتۇق مەسئۇلنىڭ جازالاندۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

596388
«خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق مەسئۇل جازالاندۇرۇلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ب ب س» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق مەسئۇلنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالاندۇرۇلغانلىقىنى، قېچىپ يۈرگەن 409 مەسئۇلنىڭ چەت ئەلدە تۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بېيجىڭدا مەخپىي ئومۇمىي يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىغان  بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا ئىكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۈرەشتىن مەقسىتى سىياسىي رەقىبلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئىكەن. بىراق شى جىنپىڭ بۇ دەۋالارنى رەت قىلماقتا ئىكەن.

ب ب س نىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى Stephen McDonell  نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى مەخپىي ئومۇمىي يىغىندا كوممۇنىست پارتىيەنىڭ نىزامنامىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانۇن تەكلىپىدە شى جىنپىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھوقۇق بېرىلىدۇ دەپ قاراپ بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2013 – يىلدىن  بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق مەسئۇل پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازانلاندۇرۇلغان بولۇپ،  جازالاندۇرۇلغانلار ئارىسىدا مىنىستىرلار، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سودا – سانائەت دۇنياسىدىنمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر