كېررى بىلەن لاۋروۋ سۇرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەبتىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

596568
كېررى بىلەن لاۋروۋ سۇرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، كېررىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىككى مىنىستىرنىڭ ھەلەبنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، كېررىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا، سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەبتە ھاۋا  ھۇجۇمى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، كېررى بىلەن لاۋروۋنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى يولىدىكى چارە ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر