جەرابلۇسقا 2 ئاي ئىچىدە 7741 كىشى قايتىپ باردى

جەرابلۇس ناھىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغاندىن كېيىن، يۈرتلىرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا.

596590
جەرابلۇسقا 2 ئاي ئىچىدە 7741 كىشى قايتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق  جەرابلۇس ناھىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىن يۈرتلىرىغا قايتقانلارنىڭ سانى 7741 كىشىگە يەتتى.

غازىئانتەپ ۋالىي مەھكىمىسى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن كاركامىش ناھىيەسىدە ئەنگە ئېلىنغان سۈرىيەلىكلەر كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرلىقى ئەترىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سومكا، يۈك – تاقلىرى بىلەن بىرلىكتە جەرابلۇسقا ئەۋەتىلمەكتە.

غازىئانتەپ كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى ئوكتاي باھچەجى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە جەرابلۇسنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغانلىقىنى ۋە ۋەتىنىگە قايتىشنى تەلەپ قىلغانلارغا نىسبەتەن ھېچ قانداق توسالغۇ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرىيەلىكلەرنىڭ ۋەتەنلىرىگە قايتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى خادىملىرىمىز تەرىپىدىن ئورۇندالماقتا. رەسمىيەتلىرى تاماملانغان كىشىلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتالايدۇ. تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە 7741 كىشى قايتقان بولدى. سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا ياردەمدە بولماقتىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىن جەرابلۇسقا بارغان قىزىلئاي جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياردەم ئورگانلىرى جەرابلۇستا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر