بۇركىنا فاسودا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇب بولغان

بۇركىنا فاسو ئىچكى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى سىمون كومپائور كونا ھەربىيلەر تەرىپىدىن پىلان قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

596012
بۇركىنا فاسودا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇب بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئىچكى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى سىمون كومپائور بىر قېتىملىق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت بلايس كومپائور دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ، 8-ئۆكتەبىر پايتەخت ۋاگا دۇگۇدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كونا ئوفىتسېر ۋە ھەربىيلەردىن تەشكللەنگەن 30 غا يېقىن كىشى پىلانلىغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىندى» دېدى.

كومپائور ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى ئوفىتسېر گاستون كولىبالىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئىسيان چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قوللىغان ئەسكەرلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بازىلاردىن قورال توپلاشقا چاقىرغانلىقى، بىراق مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ ئالدىن تەدبىر ئېلىشى نەتىجىسىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. كومپائور ۋەقەگە چېتىشلىق 32 ئەسكەر ۋە 10 كىشىنىڭ سوراق قىلىنىپ، 19 ئەسكەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كومپائور ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغان ئوفىتسېر كولىبالىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىزدەۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇركىنا فاسو 1960-يىلى فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن بۇيان يەتتە قېتىم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش پارتلىغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر