پەشمەرگە كۈچلىرى باشىكا ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ناۋەران ۋە باشىكا فىرونتلىرىدىكى ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەشمەرگە كۈچلىرى، ئۆمەر قامچى، فازىلىييە ۋە تىربىزە يېزىلىرى قاتارلىق 41 جاينىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى.

595295
پەشمەرگە كۈچلىرى باشىكا ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق مۇسۇل شەھەر مەركىزىگە 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشىكا بازىرىنىڭ دائېشتىن قۇتقۇزۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا. ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان دەسلەپكى سائەتلەردە، دائېش ئۆمەر قامچى يېزىسىدا ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلىرى) كۈچلىرى تانكىئاتار بىلەن ھۇجۇمنى چېكىندۈردى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىككى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى كۆپ سانلىق ئاھالىسى خىرىستىيان ۋە ئەزىدىيلەردىن تەشكىل تاپىدىغان مەزكۇر بازارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئۆتكەن يىلدىن بۇيان پۈتۈنلەي مۇسۇللۇق جەڭچىلەردىن تەشكىل تاپقان نىنوۋا مۇھاپىزەتچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن  تۈركىيە ئەسكەرلىرى رايوندا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىققان جاي بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لاگېرى ئارىسى پەقەت بىر قانچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ.

بۇ جەرياندا، مۇسۇلغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا دائېش لىدىرى باغدادىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن ئەبۇ ئۇسامەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتا، مۇسۇلدىكى ھەربىي ھەرىكەت ۋە رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مۇسۇلنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلىگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى 17 – ئۆكتەبىردە ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر