مۇسۇلدا دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.

594157
مۇسۇلدا دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي ئىراقتا پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىلىق بىر ئەسكەر ئۆلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 – باسقۇچلۇق مۇسۇلنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى مۇسۇل دامبىسى، ئەسگى، تىلىكوف ۋە نەۋەرا قاتارلىق رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، فازىلىيە رايونىدىمۇ بۈگۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدىكەن.

پەشمەرگە مىنىستىرلىقى  ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھالگۇرت ھېكمەت ت ر ت نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 2 – باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانىنىڭ 20 ئولتۇراق مەھەللىسىنى دائېشتىن تازىلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا لاگېرىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان نىنوۋا مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر