گېرمانىيەدە مۇساپىرلار تۇرالغۇلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى

گېرمانىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، گېرمانىيەدە مۇساپىرلار تۇرالغۇلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

593601
گېرمانىيەدە مۇساپىرلار تۇرالغۇلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، بۇ يىل مۇساپىرلار تۇرالغۇلىرىغا 800 قېتىمغا يېقىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 17 – ئۆكتەبىرگىچە مۇساپىرلارنىڭ تۇرالغۇلىرىغا قىلىنغان جەمئىي 797 ھۇجۇمنىڭ 740 ىنى ئىرقچى ھۇجۇملار ئىكەن.

يەنە بۇ سانلىق مەلۇماتلار، 1 – ئاۋغۇستقىچە مۇساپىرلار تۇرالغۇلىرىغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر سانىنىڭ 665 ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلارنىڭ 180 ىنىڭ كونسېرۋاتىپ ۋە ئىرقچى تەشۋىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە ئېلانلار، 137 سىنىڭ زوراۋانلىق ئارىلاشقان ئەھۋاللار ئىكەن.

ئالاقىدار خادىملار، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ 320 سىدە ماددىي زىيان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر