قىزىل دېڭىزدىكى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى يەنە بىر قېتىم خەۋپكە دۇچ كەلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى، قىزىل دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە كېتىۋاتقان ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا قارشى يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا خەۋپىنىڭ ئېنىقلىنىپ، كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى باياناتچىلىرىدىن گاري روس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھېلىھەم مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇھىم دېڭىز يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن روس، دېڭىز قىسىملىرى ۋە پاراخوتلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كېرەكلىك بارلىق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، يېقىندا قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان USS MASON تىپلىق ئامېرىكا زەربىدارلار پاراخوتىغا يەمەننىڭ ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردىن بىر قانچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئارقىدىن زەربىدارلار پاراخوتىغا بومبا قويۇپ بېرىشتە ئىشلىتىلگەن ئۈچ رادار سىستېمىسىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.