ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر كىچىك بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگراسىغا قارىتىپ ئاتقان ئوقى 10 ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈرگە تېگىپ ھاياتىدىن  ئايرىلدى.

588468
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر كىچىك بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززە چگراسىدا بىر كىچىك بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ خان يۈنۈس شەھىرى چېگراسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ۋە ئۆيىنىڭ ھۆيلىسىدا ئويناۋاتلىق 10 ياشلىق ئابدۇللاھ ئەبۇ نەزىف ئىسىملىك كېچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پات پات غەززە چېگراسىغا يېقىن جايلاردىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيى ۋە ئېتىزلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ كەلمەكتە.   

بۇ ئارىلىقتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە قۇددۇستا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان دېگەن سەۋەب بىلەن 5 نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنى قولغا ئالدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەلەستىنلىك بىر گۇرۇپپا ياشنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىگە تاش ۋە مولوتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئاتقانلىقى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنىلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ۋەقەدىن كېيىن سوراق قىلىش ئۈچۈن  5 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر