گېرمانىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىر بەكرى تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

گېرمانىيەدە بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغان دېگەن جىنايەت بىلەن لايوزىك رايونىدا تۇتۇلغان 22 ياشلىق سۈرىيەلىك كۆچمەن جابىر بەكرى تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

588752
گېرمانىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىر بەكرى تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ DPA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەكرى تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئاچلىق ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەكرىنىڭ دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار بولۇپ، تۇتۇلغان چاغدا بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر