ئىراق ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا مائاش بەرمەكتە

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ 130 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىغا قۇچاق ئاچقانلىقى ۋە ئۇلارغا مائاش بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

588051
ئىراق ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا مائاش بەرمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باشىكادىكى مەۋجۇتلۇقىدىن بىئارام بولغان ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرا، ساقچى، ئەسكەر ئايرىماستىن  ئون مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 130 ئەزاسىغا ھەر ئاي سىستېمىلىق ھالدا مائاش بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

باشىكادا پەشمەرگىلەرگە ھەربىي تەلىم – تەربىيە بېرىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىئارام بولغان ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلارغا قۇچاق ئاچقانلىقى ۋە بۇ تېررورچىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن نېمە ئۈچۈن بىئارام بولمىغانلىقى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان كۈندىلىك ئەل قۇددۇس گېزىتىنىڭ خەۋىرى بىلەن ئاشكارىلاندى.

گېزىتنىڭ 10 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا، ئىراقتا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى خالىمايمىز، دەپ غۇلغۇلا قىلغان ئىراق مەركەزى ھۆكۈمىتىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان مۇسۇل شەنگالدىكى 130 نەپەر پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھەر ئاي سىستېمىلىق ھالدا مائاش بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئەزىدىلەرنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سىنجار تېغىغا ئۇرۇنلاشقان 130 پ ك ك تېررورچىسى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى كېلىشىم تۈزگەن. ئۇلارغا بېرىلىدىغان مائاش بولسا، پۇللۇق ياللانما ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان شىئە ھاشدى شابى مىلىتانلىرىغا ئايرىلغان پۇلدىن ئاجرىتىلىدىغان بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە پ ك ك سىنجار رايونىغا باشقا تەشكىلاتلارنى  كىرگۈزمەسلىككە كاپالەتلىك بەرگەن.

شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى بارزانىنىڭمۇ رايوندا تەسىرى كۈچلۈك ھالغا كېلىشىگە مەزكۇر پ ك ك ئۇنسۇرلىرى توسقۇنلۇق قىلغان.

رايوندىكى يەرلىك مەنبەلەر ھەتتا مۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە سىنجاردىكى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سىنجاردا مىڭلىغان ئەزىدىيلەر ياشايدىغان بولۇپ، 2015 – يىلى 10 – نويابىردا بارزانىغا قاراشلىق پەشمەرگە قىسىملىرى سىنجارنى دائېشتىن تازىلىغان ئىدى. بىراق پ ك ك تېررورچىلىرى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ سىنجارغا يەرلەشكەنچە ئۇ يەردىن چىقمىدى. ھەتتا پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن پەشمەرگە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا بەزىدە تۇقنۇشمۇ يۈز بېرىپ تۇردى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سىنجارغا لاگېر قۇرغاندىن كېيىن رايوندىكى ئەزىدى خەلقى ئۇلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 29 – سىنتەبىر كۈنى ئەزىدىلەرنىڭ جامائەت ئەرباپلىرى شەنگالغا توپلىشىپ، پ ك ك نىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئەزىدىيلەگە بېسىم ۋە دېكتاتورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەزىدىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللىرى ۋە شەنگال ھاكىمى مەھمەت خەلىل، شەنگالنىڭ ئىككىنچى بىر قاندىلغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنداق بولۇشىغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر