خىتاي مارسقا ساياھەتچى يوللاش لايىھەسىنى تونۇشتۇرماقتا

خىتاينىڭ 2020 – يىلى مارسقا ئىنسان يوللاشنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

587883
خىتاي مارسقا ساياھەتچى يوللاش لايىھەسىنى تونۇشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2020 – يىلىدا مارسقا ئالەم كېمىسى يوللاش لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن 11 نەپەر داڭلىق خىتاي چولپاننى  «مارس ئەلچىسى» قىلىپ  بېكىتتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە فانتازىيە يازغۇچىسى لىيۇ جىشىڭ، خىتاي ئايال ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى لاڭ پىڭ ۋە خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئوغۇل مۇزىكا ئەترىتى «TFBOYS»نىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

مارس ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاسكىتبول ماھىرى 36 ياشلىق يوۋ مىڭ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يوۋ مىڭ پەقەت «NBA»نىڭ سابىق چىپېيونىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان تەنتەربىيەچى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاينىڭ 2020 – يىلى مارسقا ئىنسان يوللاشنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم.

مارستا سۇ ئىزدەش سەپىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسىدىن باشلىنىشى پىلانلانماقتا.

ئەگەر خىتاي بۇ ئىشتا ئۇتۇققا ئېرىشىپ قالسا، مارسقا ساياھەتچى ئەۋەتكەن 2 – دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر