ھايتىدا 900 غا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قۇيۇن ئامېرىكىغىمۇ زەربە بەردى

يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپىتى ھېسابلىنىدىغان مېتيۇ قۇيۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا زەربە بەردى.

585724
ھايتىدا 900 غا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قۇيۇن ئامېرىكىغىمۇ زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈپ 900 غا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مېتيۇ قۇيۇنى، ئامېرىكىدىمۇ 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. فىلورىدا ۋە جورجىيا ئىشتاتلىرىدا كۈچىنى كۆرسەتكەن قۇيۇن، جەنۇبىي كارولىناغا يېتىپ باردى؛ رايوندا دەل – دەرەخلەر قومۇرۇلۇپ چۈشتى، ئۆي – ماكانلار گۈمۈرۈلدى.... بەزى جايلاردا يوللار توسۇلۇپ قالدى، سۇ بېسىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بۇ قېتىمقى ئاپەت يۈزىسىدىن كەم دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون كىشى توكسىز قالدى.

يىرتقۇچ قۇيۇن، دەپمۇ ئاتىلىدىغان مېتيۇنىڭ ناھايەت سۈرئىتى ئاستىلىدى؛ ئامېرىكىلىق ئالاقىدار ئەمەلدارلار، قۇيۇننىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 135 كىلومېتىرنىڭ ئاستىغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھايتىدا سائەتتە 230 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن  قۇيۇن يۈزىسىدىن 900 غا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە ئۆي – ماكان زىيانغا ئۇچرىدى. ب د ت، 11 مىليونلۇق ھايتى نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇيۇننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كارىب ئەللىرىدە 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جىددىي ياردەمگە موھتاج ھالەتتە تۇرماقتا. بىر يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەم بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان كۇبادىمۇ، توختاۋسىز يېغىۋاتقان ھۆل – يېغىن تاغ سىيرىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر