پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە بىر پويىزغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى قازا قىلدى.

584894
پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كۇۋەيتانىڭ 65 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇم نىشانىنىڭ پويىزدىكى بىر ھەربىي خادىم ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جاۋابكارلىقىنى بۆلگۈنچى بەلۇجى ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف جاۋابكارلارنىڭ تېپىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىران ۋە ئافغانىستان چېگراسىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسى نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ناھايىتى باي بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر